كىشىلەرگە ئەقلى قۇبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلىشىنى خالامسىلەر

كىشىلەرگە ئەقلى قۇبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلىشىنى خالامسىلەر

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەرگە ئەقلى قۇبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلىشىنى خالامسىلەر

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب بىزگە شۇنى كۆرسىتىدۇكى: كىشىلەرگە سۆز قىلغاندا، دىننىڭ ئاساسى بولغان ئىشلاردا، تەۋھىدتىن ئىبارەت ئەھكاملاردا، ھالال–ھارامنى بايان قىلىش ئىشلىرىدا سۆز قىلىش، كىشىلەرنىڭ ھاجىتى چۈشمەيدىغان ياكى ھەقىقەتنى رەت قىلىشقا ۋە ياكى چۈشەنچە ئېنىق بولمىقانلىقتىن ياكى چۈشىنىش قېيىن بولغانلىقتىن ئۇنى قۇبۇل قىلماسلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى تاشلاش كېرەك

التصنيفات

ئاللاھ تەرەپكە دەۋەت قىلىش