مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى يۇيۇۋىتەتتىم، ئاشۇ ھۆل كىيىم بىلەن نامازغا چىقىۋېرەتتى

مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى يۇيۇۋىتەتتىم، ئاشۇ ھۆل كىيىم بىلەن نامازغا چىقىۋېرەتتى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى يۇيۇۋىتەتتىم، ئاشۇ ھۆل كىيىم بىلەن نامازغا چىقىۋېرەتتى. يەنە بىر ھەدىستە «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى ئۇۋلىۋىتەتتىم، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقىۋىرەتتى» دېگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىزگە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىگە گاھىدا مەني يۇقۇپ كەتكەندە، ھۆل ھالىتىدە بولسا ئۇنى يۇيىۋېتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ كىيىمى قۇرىمىسىمۇ نامازغا چىقىۋىرىدىغانلىقىنى، گاھىدا مەنىي قۇرۇق بولسا ئۇنى ئۇۋلاپ چىقىرىۋىتىدىغانلىقىنى، شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇۋىرىدىغانلىقىنى، بايان قىلىپ بەرگەن

التصنيفات

غۇسلى قىلىش