ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتى ئارىلىقىدا ئولتۇرۇپ جىماغا تۇتۇش قىلسا، غۇسلى ۋاجىپ بولغان بولىدۇ

ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتى ئارىلىقىدا ئولتۇرۇپ جىماغا تۇتۇش قىلسا، غۇسلى ۋاجىپ بولغان بولىدۇ

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ئىككى قۇلى ۋە ئىككى پۇتى ئارىلىقىدا ئولتۇرۇپ جىماغا تۇتۇش قىلسا، غۇسلى ۋاجىپ بولغان بولىدۇ، دېدى. يەنە بىر رىۋايىتىدە: گەرچە مەنىي چىقمىسىمۇ، دەپ كەلگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئەگەر ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ تۆت ئەزاسىنىڭ ئارىلىقىدا ئولتۇرسا، ئاندىن زەكىرىنى ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە كىرگۈزسە، ئۇ ئىككىسىگە جۇنابەتتىن غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، گەرچە سپېرما چىقمىسىمۇ. چۈنكى كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزىلا غۇسلىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر

التصنيفات

غۇسلىنى پەرىز قىلىدىغان ئىشلار