إعدادات العرض
ئاللاھ شېھىتنىڭ قەرزىدىن باشقا ھەممە گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىدۇ
ئاللاھ شېھىتنىڭ قەرزىدىن باشقا ھەممە گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ شېھىتنىڭ قەرزىدىن باشقا ھەممە گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈش، قەرىزدىن باشقا ھەممە گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ» دېيىلگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Hausa Kurdîالشرح
ھەدىسنىڭ مەنىسى: شېھىتلىك مەرتىۋىسى قەرزدىن باشقا چوڭ-كېچىك ھەممە گۇناھنى ئۆچۈرىدۇ، قەرزنى ئۆچۈرمەيدۇ، ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىنىڭ بولۇپمۇ مالغا ئالاقىدار ھەقنىڭ كاتتا بولغانلىقىدىندۇر، چۈنكى مال ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئەزىز، قەرىزگە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولغان ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، خىيانەت قاتارلىق نەرسىلەر قېتىلىدۇ، ھەقىقەتەن جىھاد، شېھىتلىك ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەر ئاللاھنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۆچۈرەلمەيدۇالتصنيفات
جىھادنىڭ پەزىلىتى