بۇزۇقچىلىق كۆپ بولغاندا قىلىنغان ئىبادەت مەن تەرەپكە ھىجرەت قىلغانغا ئوخشاش

بۇزۇقچىلىق كۆپ بولغاندا قىلىنغان ئىبادەت مەن تەرەپكە ھىجرەت قىلغانغا ئوخشاش

مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «بۇزۇقچىلىق كۆپ بولغاندا قىلىنغان ئىبادەت مەن تەرەپكە ھىجرەت قىلغانغا ئوخشاشتۇر»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن پىتنە كۆپىيىپ، ئىشلار ئارىلىشىپ كەتكەن، ئۇرۇش-جېدەللەر كۆپ بولغان ۋاقىتتا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى مەككە پەتھىسىدىن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلغاننىڭ پەزىلىتىگە ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىمۇ دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭدەك كىشىلەر پىتنىگە چۈشكەندە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا يۈزلىنىپ، ئۆز دىنى بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلەنگەن كىشىمۇ ھەقىقەتتە كىشلەردىن قىچىپ، پەرۋەردىگارى تەرىپىگە ھىجرەت قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ

التصنيفات

ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى