پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇنى كۈتۈۋېلىشتى، مەنمۇ ئۇنى كېچىك بالىلار بىلەن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەردە كۈتۈۋالدىم

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇنى كۈتۈۋېلىشتى، مەنمۇ ئۇنى كېچىك بالىلار بىلەن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەردە كۈتۈۋالدىم

سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇنى كۈتۈۋېلىشتى، مەنمۇ ئۇنى كېچىك بالىلار بىلەن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەردە كۈتۈۋالدىم. ئىمام بۇخارى رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋالغىلى كىچىك بالىلار بىلەن سەنيىيەتۇل ۋەدا دېگەن يەرگە باردۇق

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتىدا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە (ئۈزۈرلۈك ياكى ئۆزۈرسىز تەبۇك ئۇرۇشىغا چىقمىغان كىشىلەر بىلەن) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەرگىچە چىققانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ مەدىنىدىكى كىچىك بالىلار بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋېلىشقا چىققان

التصنيفات

ھىجرەت