بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى كېلىپ ئۇخلاپ قالغاننى ئويغاتمىغۇدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك…

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى كېلىپ ئۇخلاپ قالغاننى ئويغاتمىغۇدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك سالام قىلاتتى

مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى كېلىپ ئۇخلاپ قالغاننى ئويغاتمىغۇدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك سالام قىلاتتى، (بۈگۈنمۇ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئىلگىركىدەك سالام قىلدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قوينى سېغىپ، سۇتتىن ئۆزلىرىنىڭ نىسىۋىسىنى ئېچىۋىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىپ نىسىۋىسىنى ئىچىشى ئۈچۈن ئېلىپ قوياتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندا كەلسە ئۇخلىغاننى ئويغاتمىغىدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك، ئوتتۇرا ھال ئاۋازدا سالام قىلاتتى

التصنيفات

سالام بېرىش ۋە ئىزنە سوراشنىڭ ئەخلاقى