ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇڭلار، كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن

ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇڭلار، كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئۇنىڭغا ناماز توغرۇلۇق سۆز قىلىندى، ئۇ: «ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇڭلار! كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئەبۇ بەكرى دىلى يۇمشاق كىشى، قۇرئان ئوقۇسا يىغا تۇتۇپ كېتىدۇ، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى بۇيرۇڭلار، نامازنى ئوقۇپ بەرسۇن» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئەبۇ بەكرى سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرسا ئۇنى يىغا تۇتۇپ كېتىپ، كىشىلەرگە قىرائەت قىلالمايدۇ،-دېدىم دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەندە، جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە قادىر بولالمىغانلىقتىن، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بەكرىنى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇشنى بۇيرۇق قىلدى، ئەبۇ بەكرى بولسا دىلى يۇمشاق كىشى بولۇپ، قۇرئان ئوقۇسىلا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھقا بۇ ھەقتە ئۆزۈر ئېيتتى. ئائىشە بۇ ھەدىستە ئەبۇ بەكرىنىڭ قۇرئان ئوقۇغاندا يىغلاپ كېتىشىنى ئاساسىي مەقسەت قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ مەقسىتى، كىشىلەر دادىسىدىن يامان پال ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە يوشۇرغاننىڭ قارشىسىنى ئىپادىلىگەن. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشۇمدىكى سەۋەب، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا تۇنجى بولۇپ چىققان كىشىدىن كىشىلەر يامان پال ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم قايتىلاپ: باشقا بىرىنى بۇيرۇسىلا، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنىلا چىڭ تۇرۇپ: «ئەبۇ بەكرى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسۇن! ھەقىقەتەن سىلەر يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوخشاش ئىكەنسىلەر»دېدى. «يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرى» دىن مەقسەت ئۇلار قەلبىدىكىنى يوشۇرۇپ، تىلىدا باشقىنى ئىپادىلەشتە يۈسۈپنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوخشاش دېگەننى مەقسەت قىلغان. بۇ يەردە سۆز كۆپلۈك ئىبارىسى بىلەن دېيىلگەن بولسىمۇ، مەقسەت قىلىنغان كىشى پەقەتلا ئائىشە ئىدى. شۇنىڭدەك يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىدىن مەقسەت پەقەتلا زۇلەيخا بولۇپ، ھاپىز ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مىسىردىكى بىر ۋەزىرنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى دېدى. بۇ ئىككى ۋەقەلىكنىڭ ئارىسىدكى ئوخشاشلىق نۇقتىسى زۇلەيخا ئۆيىگە ئاياللارنى زىياپەتكە چاقىرىپ ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلغان، بۇنىڭدىن ئۇلارنى مېھمان قىلىش مەقسەت بولماستىن، بەلكى ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ جامالىنى كۆرسىتىشنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئائىشە بۇ ھەدىستە دادىسىدىن ئىمامەتچىلىكنى بۇرىۋەتمەكچى بولىشىنىڭ سەۋەبىنى كىشىلەر ئۇنىڭ قىرائەت قىلغىنىنى ئاڭلىيالماسلىقنى دېگەن، ئەمما كۆڭلىدە ئەبۇ بەكرى ئىمام بولسا كىشىلەر ئۇنىڭدىن يامان پال ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ھەدىسنىڭ بىر قىسىم يوللىرىدا بۇنى ئېنىق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمغا تۈرتكە بولغىنى كىشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرغان كىشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەسلىكىدىن ئەنسىرىدىم، دېگەن

التصنيفات

ساھابىلارنىڭ دەرىجىسى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى