كىمكى مەن بىلەن ئېتىكاپ قىلىدىكەن، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلسۇن، ماڭا قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم، مەن ئۆزۈمنى شۇ كۈنى سەھەردە بىر سۇ…

كىمكى مەن بىلەن ئېتىكاپ قىلىدىكەن، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلسۇن، ماڭا قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم، مەن ئۆزۈمنى شۇ كۈنى سەھەردە بىر سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغىنىمنى كۆرگەنىدىم، سىلەر ئۇنى رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، بىر يىلى ئېتىكاپتا تۇردى، ھەتتاكى رامزاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بولغاندا، (ئەسلى ئاشۇ كۈنى سەھەردە ئېتىكاپتىن چىقىدىغان كۈن ئىدى) دېدى: كىمكى مەن بىلەن ئېتىكاپ قىلىدىكەن، رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلسۇن، ماڭا چۈشۈمدە قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم، مەن شۇ كۈنى سەھەردە چۈشۈمدە بىر سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغىنىمنى كۆرگەنىدىم، سىلەر ئۇنى رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار ۋە ھەر تاق كۈنلەردە ئىزدەڭلار، شۇ كۈنى كېچىدە يامغۇر ياغدى، ئۇ زاماندا مەسچىتنىڭ ئۈستى خورما شېخىدا يېپىقلىق ئېدى، يامغۇر تامچىپ ئۆتۈپ كەتتى، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى سەھەردە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشانىسىدا سۇ ۋە لاينىڭ ئىزىنى كۆردۈم

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەدىر كېچىسىنى ئىزدەپ، رامزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى، بىر يىلى شۇنداق ئېتىكاپ قىلدى، ھەتتاكى رامزاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بولغاندا، (ئەسلى ئاشۇ كۈنى سەھەردە ئېتىكاپتىن چىقىدىغان كۈن ئىدى) قەدىر كىچىسىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇڭا ساھابىلىرىغا: كىمكى مەن بىلەن رامزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان بولسا، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرىقى ئون كۈندىمۇ قىلسۇن، دېدى. رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قەدىر كېچىسىنى چۈشىدە كۆرسەتكەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرغان، لېكىن شۇ يىلى ئۇنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى كۆرگەن ئىدى، ئۇلاردىن: پەيغەمبىرىمىز چۈشىدە بامدات نامىزى ئوقۇپ سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغان. ئاندىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىنى راستقا چىقاردى-دە، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كېچىدە يامغۇر ياغدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى كەپە شەكىلدە؛ تۈۋرۈكلىرى خۇرما تۈپىدىن، تورىسى خۇرما شاخلىرىدىن يىپىلغان ئىدى. يامغۇر سۇلىرى تامچىپ تۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىگىرمە بىرىنچى كۈنى سەھەردە، سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلدى. تەيسىيرىل ئەللام 349- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 472- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم292- بەت

التصنيفات

ئېتىكاپ, رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىش