مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا، نىپاسدارلىق ھالىتىدە ۋاپات قىلغان بىر ئايالنىڭ نامىزىنى ئوقۇدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا، نىپاسدارلىق ھالىتىدە ۋاپات قىلغان بىر ئايالنىڭ نامىزىنى ئوقۇدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى

سۇمرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا، نىپاسدارلىق ھالىتىدە ۋاپات قىلغان بىر ئايالنىڭ نامىزىنى ئوقۇدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتنىڭ ئوتتۇرىدا تۇردى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

مۇسۇلمانلاردىن ئۆلۈپ كەتكەن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن، ئۇنىڭ نامىزىنىڭ چۈشۈرۈلىشى ۋاجىپ بولغان ئۇنىڭ ھەققىدۇر. سۇمرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا، نىپاسدارلىق ھالىتىدە ۋاپات بولغان بىر ئايالنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ مېيىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى دەپ بايان قىلىدۇ

التصنيفات

مەيىت نامىزى ئوقۇشنىڭ سۈپىتى