رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرىنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد»…

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرىنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى، قوشۇن قايتقاندا ساھابىلەر رەسۇلۇللاھقا بۇ ئىشنى دېدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنى سوراڭلار؟ دېدى. ئۇلار سورىغاندا، ئۇ كىشى: ئۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭلار، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرنى قوشۇنغا باش قىلىپ ئۇ قوشۇننى بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئىشلار قالايمىقان بولماسلىقى ئۈچۈن، ئىچىدە تالاش-تارتىشنى ئايرىش ۋە ئۇلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن دىيانەت ۋە ئىلىم-مەرىپەت، جەڭ تاكتىكىسىدا ئەڭ ئىقتىدارلىق بىر كىشىنى قوماندان قىلىپ تاللىدى، قوماندان ئىلىم ئىگىسى ۋە تەقۋادار بولغانلىقتىن نامازدا ئىمام بولاتتى، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇيتى، چۈنكى ھەركىم ياخشى كۆرگىنىنى كۆپ ئەسلەيدۇ، ساھابىلار غازاتتىن قايىتقاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئىشنى ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭدىن سوراڭلار؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟ ياكى مەقسەتسىز قىلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ دېدى. قوماندان بولغۇچى: ئۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى بولغانلىقتىن كۆپ ئوقۇيمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇ كىشىگە دەپ قويۇڭلار ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭغا دەلىل بولغان بۇ سۈرىنى كۆپ ئوقۇغانلىقتىن ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى. بۇ نېمە دېگەن بەخىت-ھە

التصنيفات

سۈرە ۋە ئايەتلەرنىڭ پەزىلىتى, ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش, نامازنىڭ سۈپەتلىرى