ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش

2- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بېكىتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنى قىلالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان ياخشىلىقنى قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئوندىن يەتتە يۈزگىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن زىيادە ياخشىلىق يازىدۇ، كىمكى بىر يامانلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر ئۇ يامانلىقنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىر يامانلىق يازىدۇ

21- بىر يەھۇدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، زىمىنلارنى بىر بارماقتا، دەرەخلەرنى بىر بارماقتا، سۇنى بىر بارماقتا، نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا تۇتۇپ، پادىشاھ مەندۇرمەن، دەيدىغانلىقىنى بىلىمىز، دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ يان چىشلىرى كۆرۈنگىدەك كۈلدى، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقى قەدرىگە لايىق ئۇلۇغلاشمىدى، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى زىمىن ئۇنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ»سۈرە زۇمەر 67-ئايەت ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئىبارىدە: تاغلار ۋە دەرەخلەرنى بىر بارماقتا تۇتۇپ ئاندىن ئۇلارنى سىلكىپ تۇرۇپ دەيدۇ: مەن پادىشاھدۇرمەن مەن ئاللاھ. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، سۇ بىلەن نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا باشقا مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بارماقتا تۇتىدۇ، دېگەن