ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھدىنمۇ سەبىرچانراق ھېچكىم يوق، مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېسىمۇ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە رىزىق بىرىپ تۇرىدۇ

ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھدىنمۇ سەبىرچانراق ھېچكىم يوق، مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېسىمۇ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە رىزىق بىرىپ تۇرىدۇ

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھ تائالادىنمۇ سەۋىرچانراق ھىچكىم يوق. مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دىسىمۇ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە رېزىق بېرىپ تۇرىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھ تائالادىنمۇ سەبىرچانراق ھېچكىم يوق» يەنى: ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بەك سەۋىرىچان، چۈنكى گۈزەل سۈپەتلىرىدىن بىرى «سەۋىرچان»، گۇناھكار بەندىلەرنى جازالاشقا بەك ئالدىراپ كەتمەيدۇ، بۇ ئىسىم «الحليم» دېگەن سۈپەتنىڭ مەنىسىگە يېقىن، ئەمما بۇ سۈپىتى جازادىن ئۆتىۋېتىشتە كۈچلۈكرەك. «مۇشرىكلارنىڭ ئازالىرىغا» ئازار دېگەن سۆز تىل ئىستىمالىدا زىيان ۋە خاپىلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىكى نەرسىلەرگە قارىتىلغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەندىلىرى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، دېگەن. «ئى مۇھەممەد كۇفرىغا ئۆزىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» سۈرە ئال ئىمران176-ئايەت. يەنە ھەدىس قۇدىسىيدا: « ئى بەندىلىرىم! سىلەر پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ ماڭا پايدا يەتكۈزەلمەيسىلەر، زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ ماڭا زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر» دەپ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بەلكى ئاللاھقا ئازار بىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. «مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېيشىدۇ، يەنى: ئادەم بالىسى ئاللاھنىڭ بالىسى بار، ئىبادەتتە شېرىكى بار دېگەندەك بۇ سۆزلىرى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئازار بەرگەن ۋە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ يەككە يىگانەدۇر، ئىبادەت ئۇنىڭغىلا لايىقتۇر. «ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ، رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ» يەنى ئۇلار گۇناھ قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا نىئمىتىنى بېرىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا تىللاش ۋە ئەيىپلەش بىلەن تۇزكورلۇق قىلسىمۇ، پاك ئاللاھقا نالايىق سۈپەتلەرنى چاپلىسىمۇ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلسىمۇ، بۇيرۇقلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرسىمۇ، چەكلىگەن ئىشلارنى قىلسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا تېنىنى ساغلام قىلىش بىلەن، كېسەللىرىگە شىپا بېرىش بىلەن، كېچە-كۈندۈز ھەر خىل خەۋىپلەردىن ساقلاش بىلەن، ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىش بىلەن ياخشىلىقىنى ئۈزمەيدۇ. مانا بۇ سەۋىرچانلىق، ئەپۇچانلىق، ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئەڭ يۈقىرى چېكىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر

التصنيفات

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش