?رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىن ئەھلىگە رەھمەت قىلساڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ

?رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىن ئەھلىگە رەھمەت قىلساڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىن ئەھلىگە رەھمەت قىلساڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: باشقىلارغا مېھرىبان بولغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا مۇۋاپىق ھالدا (ئۆزىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان) مەرھەمىتى بىلەن رەھمەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زېمىندىكى ئىنسان، ھايۋان، ئۇچارقۇش ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى بارلىق جانلىقلارغا رەھىمدىل بولغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا مۇكاپاتلاپ، يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ.

فوائد الحديث

ئىسلام دىنى رەھمەت دىنىدۇر، ئىسلام ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارغا ياخشىلىق قىلىش ئاساسىغا قايىمدۇر.

ئاللاھ تائالا مەرھەمەت بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر، ئاللاھ تائالا مېھرىباندۇر، رەھىم-شەپىقەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە رەھمىتىنى يەتكۈزگۈچىدۇر.

جازا-مۇكاپات ھەر ئىشنىڭ ئۆز تۈرىدىن بولىدۇ، رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ.

التصنيفات

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش, گۈزەل ئەخلاقلار