ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ…

ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددۇسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

كىمكى ئازراق بولسىمۇ تائەت-ئىبادەت قىلىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىززەت-ئىكرام قىلىپ، ساۋاپنى زىيادە قىلىش بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، تائەت-ئىبادەتنى زىيادە قىلغانسىرى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بېرىدىغان ساۋاپنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇنىڭغا بېرىدىغان پەزلى-رەھمىتىنى تىز قېلىدۇ. بۇ چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ھەدىسلەردىن ئەمەس، بۇ سۈپەتنى ئىسپاتلىغۇچى كۆپچىلىك ئەھلى-سۈننە ۋەلجامائە ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدۇر. ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بار. يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار يۈگۈرۈش دېگەن سۈپەتنى ئاللاھ تائالاغا ئىسپاتلىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلار ئۇ يۈگۈرۈشنىڭ شەكلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتقا كىرمىگەن.

التصنيفات

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش, ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى