ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ

ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «كىم ماڭا دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كىم مەندىن بىر نەرسە سورىسا، سورىغىنىنى بېرىمەن، كىم مەندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلىمەن؟دەيدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ بەندىلىرىنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى، دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنى خالىغان نەرسىسىنى سوراشقا قىزىقتۇرىدىغانلىقى، ئۇلارغا سورىغىنىنى بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئىستىغپار ئېيتىپ خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سوراشقا بۇيرىغانلىقى، ئاللاھنىڭ مۇئ‍مىن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

فوائد الحديث

كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىنىڭ پەزىلىتى، ئۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش ۋە ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى.

ئىنسان مۇشۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندا دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىشكە بەك ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.

التصنيفات

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش