إعدادات العرض
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىقتا مۇئمىنگە زۇلۇم قىلمايدۇ، دۇنيادا بېرىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇكاپاتلايدۇ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىقتا مۇئمىنگە زۇلۇم قىلمايدۇ، دۇنيادا بېرىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇكاپاتلايدۇ
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىقتا مۇئمىنگە زۇلۇم قىلمايدۇ، دۇنيادا بېرىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئەمما كاپىرغا بولسا دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا كۆرە رىزىق بېرىلىدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا كاپىرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغان ياخشىلىقى بولمايدۇ.
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
ar en my sv cs gu yo nl ur es id bn tr bs si hi vi ha ml te sw ps as sq prs el bg ff kn ky lt or ro rw sr tg uz ne mos ku wo so fr tl az uk bm ta de ka pt mk hu fa ru zh km am mg omالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرگە بولغان ئارتۇقچىلىقىنىڭ بۈيۈك ئىكەنلىكى ۋە كاپىرلار بىلەن بولغان ئادىللىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەمما مۇئمىننىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى كەمەيتىلمەيدۇ، بەلكى مۇئمىنگە قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرىگە كۆرە ئاخىرەتتە مۇكاپاتلىنىدىغان مۇكاپات ساقلىنىش بىلەن بىرگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بېرىلىدۇ. ئەمما كاپىر بولسا: ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپىتى دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلىنىش بىلەن بولىدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشىنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغان ساۋابى بولمايدۇ، چۈنكى دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىسى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلغۇچىنىڭ مۇئمىن بولىشى كېرەك بولىدۇ.فوائد الحديث
كاپىر ھالەتتە ئۆلگەن كىشىگە دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشلىرىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.