?كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمنى دۈشمەن تۇتىسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن، بەندەم مەن پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ،

?كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمنى دۈشمەن تۇتىسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن، بەندەم مەن پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ،

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ: «كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمنى دۈشمەن تۇتىسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن، بەندەم مەن پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ، بەندەم ماڭا نەپلە ئىبادەت بىلەن يېقىنلىشىۋەرسە مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولىمەن، كۆرىدىغان كۆزى بولىمەن، تۇتىدىغان قولى بولىمەن، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن، ئەگەر مەندىن بىر نەرسە سورىسا ئۇنىڭغا بېرىمەن، مەندىن پاناھلىق سورىسا ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىمەن، ھىچ ئىشىمدا مۇئمىننىڭ جېنىنى ئالغاندا ئىككىلەنگەندەك ئىككىلەنمىدىم، ئۇ ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ، مەن رەنجىتىشنى خالىمايمەن» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ: «كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمگە ئەزىيەت بەرسە، دۈشمەن تۇتىسا، ئۆچ كۆرسە، مەنمۇ ئۇ كىشىنى ئۆچ كۆرىمەن، ئۇنى دۈشمەن تۇتىمەن ۋە ئۇرۇش ئىلان قىلىمەن. ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىسى دېگەن: تەقۋادار مۇئ‍مىن كىشىدۇر، بەندە ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن ئاللاھقا بولغان يېقىنلىق نەسىبىسىنى ئالىدۇ. مۇسۇلمان ئۆز رەببىگە ئۇ پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىپ، چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىن قول ئۇزۇشنى ۋاجىپ قىلدى، مۇسۇلمان پەرز ئەمەللەر بىلەن بىرگە نەپلە ئەمەللەرگە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق رەببىگە يېقىنلىشىدۇ، ھەتتا ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇ كىشىنىڭ تۆت ئەزاسىنى توغرا يولدا قوللىنىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ: ئۇنىڭ ئاڭلاش ئەزاسىنى توغرىلايدۇ، پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان نەرسىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ كۆزىنى توغرىلايدۇ، ئۇ كىشى پەقەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان نەرسىگە قارايدۇ. قولىنى توغرىلايدۇ، قولى بىلەن پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدۇ. پۇتىنى توغرىلايدۇ، پۇتى بىلەن پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان ۋە ياخشىلىق بولغان يوللاردا ماڭىدۇ. مۇشۇنىڭ بىلەن ئاللاھدىن بىر نەرسە سورىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە سورىغىنىنى بېرىدۇ، دۇئا قىلسا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ، ئەگەر ئاللاھتىن پاناھلىق تىلىسە، ئاللاھنىڭ ھىمايىسىنى ئىزدەپ ئىلتىجا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى پاناھلىقىغا ئالىدۇ، ئەندىشە قىلغان ئىشلاردىن ھىمايە قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ھىچ ئىشىمدا مۇئمىنگە رەھمەت قىلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندا ئىككىلەنگەندەك ئىككىلەنمىدىم، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمدە دەرت-ئەلەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇئ‍مىننىڭ دەرت تارتىشىنى ياقتۇرمايدۇ.

فوائد الحديث

بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىدىن بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىس قۇدسىي ياكى ھەدىس ئىلاھىي دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ھەدىسنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى ئاللاھ تائالادىن، لېكىن بۇ تۈردىكى ھەدىس باشقا ھەدىسلەردىن پەرقلىق بولسىمۇ ئۇنىڭدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى يوق، چۈنكى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئىبادەت، تاھارەت بىلەن تۇتۇش شەرتتۇر. شۇنداقلا مۆجىزىلىك ۋە ئۇنىڭ ئۆخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىز كىلىشى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەر يوق.

ئاللاھنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن چەكلەش، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشكە ، ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

ئاللاھنىڭ دۇشمەنلىرىنى ئۆچ كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنى دوست تۇتۇش ھارامدۇر.

ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشمەستىن ئۆزىنى ئاللاھنىڭ يېقىنلىرىدىن دەپ دەۋا قىلىش يالغانچىلىقتۇر.

ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ يېقىنلىقىغا نائىل بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن: ئۇ كىشىنىڭ پەرزنى ئادا قىلىپ، ھارامنى تەرك قىلىپ بولغاندىن كېيىن نەپلە ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشىدۇر.

بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ يىقىن كىشىلىرىنىڭ شان-شەرىپى ۋە مەرتىۋېسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

التصنيفات

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش