ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ…

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غۇلاچ يىقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىمەن

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غۇلاچ يىقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىمەن»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىغا بىر غېرىچ يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر گەز مىقدارىدا يېقىنلىشىدۇ، ئەگەر بەندە پەرۋەردىگارىغا بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇ بەندىسىگە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىدۇ. بەندە پەرۋەردىگارىغا مېڭىپ كەلسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. (يېقىنلىشىش ۋە كېلىش) تىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۈپەت بولسا؛ ئاللاھ تائالانىڭ سابىت سۈپەتلىرىدىندۇر. بىز ئۇ ئىككى سۈپەتكە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەستىن، بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن، ئۆزگەرتمەستىن ۋە ئېزاھلىماستىن شۇ بويىچە ئىمان ئېيتىمىز

التصنيفات

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش