إعدادات العرض
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ» تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Kiswahili தமிழ் دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Wolof Soomaali Moore Українська Български Azərbaycan mr ქართული тоҷикӣ bm Oromoo Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام گۇناھ-مەسىيەت،شېرىك، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدا زۇلۇم قىلىپ ھەددىدىن ئېشىشتىن ئاگاھلاندۇردى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئازابنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىدۇ، مال-دۇنياسىنى كۆپ قىلىدۇ، ئۇنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، شۇنداقتىمۇ تەۋبە قىلمىسا، ئۇنى مەھكەم تۇتىدۇكى ھەرگىز قويىۋەتمەيدۇ، زۇلۇمنى كۆپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بوش قويمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ»تەرجىمىسى:«پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].فوائد الحديث
ئەقىللىق كىشى تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا زالىمنى چوقۇم جازالايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا زالىملارغا مۆھلەت بېرىشى، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىماسلىقى، ئۇلارنى تەدرىجى جازالاش ئۈچۈن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھەسسىلەپ ئازابلايدۇ.
زۇلۇم ئاللاھ تائالانىڭ ئۈممەتلەرنى جازالاشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.
ئاللاھ تائالا بىر يۇرت ئەھلىنى ھالاك قىلسا، ھالاك قىلىنغان يۇرتتا سالىھ كىشىلەرمۇ بولىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزى ۋاپات بولغان ھالەتتىكى ياخشىلىق ئۈستىدە تىرگۈزىلىدۇ، ئۇلارغا ھەممىگە ئومۇم بولغان ئازاب زەرەر يەتكۈزمەيدۇ.