?ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ

?ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ.»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ ئۇ چىرايلىقمۇ ياكى سەتمۇ؟، چوڭمۇ ياكى كېچىكمۇ؟، ساقمۇ ياكى كېسەلمۇ؟ دەپ شەكلىگە ۋە جىسىملىرىگە قارىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ماللىرىغا قارىمايدۇ، كۆپمۇ ياكى ئازمۇ؟ دەپ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردا پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازا بەرمەيدۇ ياكى مۇكاپاتلىمايدۇ، شۇنداقلا ھېساب ئالمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قارايدۇ، شۇنداقلا دىلىدىكى ئىشەنچ، تەقۋادارلىق، راستچىللىق، سەمىيمىلىك ۋە ئىخلاسقا ياكى رىياخورلۇق، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش تەرەپلىرىگە، ئىشنىڭ توغرا بولغان ياكى بولمىغان تەرەپلىرىگە قارايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.

فوائد الحديث

دىلنى ئىسلاھ قىلىپ، بارلىق يامان ئىللەت، سۆكەلگۈچى سۈپەتلەردىن پاك تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

دىلنىڭ ئىخلاس بىلەن ساغلام بولىشى، ئەمەللەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىش، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ ۋە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

ئىنسان ئۆزىنىڭ مېلى، جىسمى، گۈزەللىكى ۋە مۇشۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنىشىدىن بولغان نەرسىلەرگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قەلبنى تۈزەتمەي تۇرۇپ سېرتقى كۆرۈنۈشىنىڭ شەكلىگە تايىنىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

التصنيفات

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش, ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش, قەلىب ئەمەللىرى, قەلىب ئەمەللىرى