پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان ياشنى يۈز) دەررە ئۇردى ۋە (بىر يىل) سۈرگۈن قىلدى، ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلدى،…

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان ياشنى يۈز) دەررە ئۇردى ۋە (بىر يىل) سۈرگۈن قىلدى، ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلدى، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلدى

ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان ياشنى يۈز) دەررە ئۇرۇپ، (بىر يىل) سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى يۈز دەررە ئۇرۇپ، ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا تولۇق بىر يىل سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، بۇ ھەدىس، سۈرگۈن قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن تەتبىقلانغانلىقى ئۈچۈن زىنا جازاسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن

التصنيفات

زىنانىڭ جازاسى