كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئارىلىقىدا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندەك كېلىدىغان بىر بوشلۇقنى قىلىدۇ

كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئارىلىقىدا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندەك كېلىدىغان بىر بوشلۇقنى قىلىدۇ

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئارىلىقىدا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندەك كېلىدىغان بىر بوشلۇقنى قىلىدۇ»

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس بىر كۈن روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇ كىشىنى دوزاختىن ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك يېراق قىلىدۇ

التصنيفات

روزىنىڭ پەزىلىتى