إعدادات العرض
كىم غازات قىلماي ۋە غازاتنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەي ئۆلسە مۇناپىقلىقدىن بىر سۈپەتتە ئۆلىدۇ
كىم غازات قىلماي ۋە غازاتنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەي ئۆلسە مۇناپىقلىقدىن بىر سۈپەتتە ئۆلىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىم غازات قىلماي ۋە غازاتنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەي ئۆلسە مۇناپىقلىقدىن بىر سۈپەتتە ئۆلىدۇ»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Hausa Kurdî Português සිංහලالشرح
غازات قىلالايدىغان تۇرۇپ، ھاياتى ئاخىرلاشقىچە غازات قىلمىغان ۋە غازات قىلىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرمىگەن، يەنى: جىھاد قىلىش ئىرادىسىگە كەلمىگەن كىشىدە مۇناپىقلىق ئالامىتى بولىدۇ. جىھادنىڭ سىرىتقى ئالامەتلىرىدىن بىرى غازات قۇرالىنى تەييارلاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى» [سۈرە تەۋبە: 46-ئايەت]. «مۇناپىقلىقدىن بىر سۈپەتتە ئۆلىدۇ» يەنى: مۇناپىقلىق تۈرلىرىنىڭ بىرىدە ئۆلىدۇ، بۇ ھالەتتە ئۆلگەن كىشى جىھادتىن قالىدىغانلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئوخشايدۇ، كىم بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق مۆمىننىڭ جىھاد قىلىشنى نىيەت قىلىشى زۆرۈر. جىھاد قىلىشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولسا جىھاد قىلىدۇ، تولۇق بولمىسا تولۇقلانغىچە جىھاد نىيىتى بىلەن تەييار تۇرىدۇالتصنيفات
جىھادنىڭ پەزىلىتى