رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇزدەلىپىدە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ھەر بىرىگە بىردىن تەكبىر ئېيتىپ ئوقۇدى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىلىقىدا ياكى…

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇزدەلىپىدە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ھەر بىرىگە بىردىن تەكبىر ئېيتىپ ئوقۇدى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىلىقىدا ياكى كەينىدىن نەپلە ئوقۇمىدى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇزدەلىپىدە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ھەر بىرىگە بىردىن تەكبىر ئېيتىپ ئوقۇدى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىلىقىدا ياكى كەينىدىن نەپلە ئوقۇمىدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئەرەپات كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوياش ئولتۇرغاندا شام نامازنى ئوقۇماستىن مۇزدەلىپەگە قاراپ يولغا چىقتى، شام بىلەن خۇپتەننى بىر ئەزان ئىككى تەكبىر بىلەن ئۇ يەردە كىچىكتۈرۈپ جۇغلاپ ئوقۇدى. ئىككى نامازنىڭ ئارسىنى جۇغلىدى دېگەن مەنانى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئارىلىقىدا ۋە ياكى كەينىدىن سۈننەت، نەپلە ناماز ئوقۇمىدى، ئاندىن كېيىنكى ھەج پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بىر ئاز ئارام ئالدى

التصنيفات

ئۆزۈرلۈك كىشىلەرنىڭ نامىزى