إعدادات العرض
1- ئۆرە تۈرۈپ ئوقىغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېنى يېتىپ ئوقۇغىن
2- مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمرا بولدۇم، ئۇ سەپەردىكى چاغلىرىدا نامازنى ئىككى رەكەتتىن زىيادە ئوقۇمايتتى. ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى
3- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە بولسا پىشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇيتتى
4- پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم) كېسەل ۋاقتىدا ئولتۇرۇپ ئۆيدە ناماز ئوقۇدى
5- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇزدەلىپىدە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ھەر بىرىگە بىردىن تەكبىر ئېيتىپ ئوقۇدى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىلىقىدا ياكى كەينىدىن نەپلە ئوقۇمىدى
6- يا رەسۇلۇللاھ! مەن كۈن ئولتۇرۇپ كەتكىچە ئەسىرنى ئوقۇيالمىدىم، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، ئاندىن بەتھان دېگەن جايغا چۈشۈپ تاھارەت ئالدى، بىزمۇ تاھارەت ئالدۇق، رەسۇلۇللاھ كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر ئوقۇدى، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن شامنى ئوقۇدى