ھەقىقەتەن سۇ جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ

ھەقىقەتەن سۇ جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرى بىر داستىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىلىپ شۇ سۇدىن تەرەت ئالماقچى ياكى يۇيۇنماقچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، مەن بۇ سۇدىن ئىلىپ جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ئىدىم؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن سۇ جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەھارەت ئېلىش ئۈچۈن ياكى يۇيۇنۇش ئۈچۈن كىلىپ، ئايالى يۇيۇنۇپ ئاشقان سۇنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئايالى ئۆزىنىڭ بۇ سۇدا جۇنابەتتىن يۇيۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئۇ سۇنىڭ پاكىز ۋە پاكىزلەش خۇسۇسىيىتى جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى

التصنيفات

سۇغا ئالاقىدار ھۆكۈملىرى