بىر ئادەم بىر ياخشىلىقنى قىلسا، كىشىلەر ئۇنى ماختىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىلە! دېيىلگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: « ئەنە ئاشۇ مۆمىن ئۈچۈن…

بىر ئادەم بىر ياخشىلىقنى قىلسا، كىشىلەر ئۇنى ماختىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىلە! دېيىلگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: « ئەنە ئاشۇ مۆمىن ئۈچۈن ئالدىنئالا بېرىلگەن خۇش بىشارەتتۇر» دېدى

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر ئادەم بىر ياخشىلىقنى قىلسا، ئۇنىڭغا قارىتا كىشىلەر ئۇنى ماختىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىلە! دېيىلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئەنە ئاشۇ مۆمىن ئۈچۈن ئالدىنئالا بېرىلگەن خۇش بىشارەتتۇر» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر كىشى كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى مەقسەت قىلماستىن، خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىسا، ئاندىن كىشىلەر ئۇنى ئاشۇ ياخشى ئەمىلى سەۋەبىدىن ماختىغان بولسا، يەنى پالانى ياخشى ئىشنى كۆپ قىلىدۇ، پالانى تائەت_ئىبادەتنى كۆپ قىلىدۇ، پالانى كىشىلەرگە خەيرى-ئېھساننى كۆپ قىلىدۇ دېگەندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ مۆمىنگە تېز بېرىلگەن خوش بېشارەت» دېگەن، ئۇ ئۇنى تەرىپلەشتۇر. چۈنكى ئىنسانلار بىر كىشىنى ياخشىلىق بىلەن ماختىسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتكەندە ساھابىلار ئۇ مېيىتنى ماختىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋاجىپ بولدى» دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ساھابىلار ئۇ مېيىتنى يامان سۆزلەر بىلەن ئەيىپلىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋاجىپ بولدى»دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنىڭغا نېمە ۋاجىپ بولدى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىرىنچىسى ئۈچۈن جەننەت ۋاجىپ بولدى، ئىككىنچىسىگە دوزاخ ۋاجىپ بولدى، سىلەر ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرى» دېدى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاشۇ مۆمىن ئۈچۈن تېز بېرىلگەن خوش بېشارەت» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر، بۇنىڭ بىلەن رىيانىڭ ئارىسىدىكى پەرق: رىيا قىلغۇچى دېگەن قىلغان ئىشىنى كىشىلەرگە كۆرسۈتۈشنى ۋە ئۇلارنىڭ ماختىشىنى مەقسەت قىلىپ قىلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشى ئاللاھقا ئاللاھتىن باشقىنى شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، ئەمما كىشىلەر ماختىغان بۇ كىشىنىڭ نىيىتى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە كىشىلەر ماختىسۇن ياكى ئەيىبلىسۇن دەيدىغان ئىش كېلىپ باقمىغان بولسا، كىشىلەر ئۇنىڭ قىلغان تائەت_ئىبادىتىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئۇ كىشىنى ماختاپ ۋە مەدھىيلىسە، بۇ رىيا بولماستىن، بەلكى ئالدىنئالا بېرىلگەن بېشارەتتۇر، بۇنىڭ بىلەن ھەدىستە سۆزلەنگەن ئىشنىڭ ئارىسىدا زور پەرق بار. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ رىياززۇسسالىھىيننىڭ شەرھىسى 6_توم 354_355_بەت

التصنيفات

ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى