إعدادات العرض
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىلاپلىق قىلماسلىقىمىزغا ئالغان بەيئەتدىكى ياخشى ئىشلار ئىچىدە: يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىز، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقىمىز، ياقىلارنى…
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىلاپلىق قىلماسلىقىمىزغا ئالغان بەيئەتدىكى ياخشى ئىشلار ئىچىدە: يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىز، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقىمىز، ياقىلارنى يېرتماسلىقىمىز، چاچنى يۇلماسلىقىمىز بار ئىدى
ئۇسەيد ئىبنى ئەبۇ ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئاياللارنىڭ بىرىدىن رىۋايەت قىلىدۇ: ئۇ ئايال مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىلاپلىق قىلماسلىقىمىزغا ئالغان بەيئەتدىكى ياخشى ئىشلار ئىچىدە: يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىز، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقىمىز، ياقا يېرتماسلىقىمىز، چاچنى يۇلماسلىقىمىز بارئىدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tagalog Hausa Kurdî Русскийالشرح
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال ساھابىلار بەيئەت قىلغاندا بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا ۋەدە ئالاتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە: ئايال كىشىنىڭ مۇسىبەت يەتكەندە يۈزىنى تاتىلىماسلىق، ئۆزىنى كاچاتلىماسلىق، مەڭزىگە ئۇرماسلىق، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ چەكلەنگەن يىغا بىلەن يېغلىماسلىق، كىيىملىرىنى يېرىتماسلىق قاتارلىقلار بار ئىدى