پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىدىن يەمەن تەرەپتىكى ئىككى بولۇڭدىن باشقىنى سىيلىغىنىنى كۆرمىدىم

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىدىن يەمەن تەرەپتىكى ئىككى بولۇڭدىن باشقىنى سىيلىغىنىنى كۆرمىدىم

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىدىن يەمەن تەرەپتىكى ئىككى بۇلۇڭدىن باشقىنى سىيلىغىنىنى كۆرمىدىم» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ھەجەرۇل ئەسۋەد بۇلۇڭى ۋە يەمەن تەرەپتىكى بۇلۇڭدىن باشقىنى سىيلىمىغان، كەئبىنىڭ تۆت بۇلۇڭى بولۇپ، شەرىق تەرەپتىكى بۇلۇڭنىڭ ئىككى پەزىلىتى بار: 1- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قويغان ئۇل ئۈستىدە ئىكەنلىكى. 2- ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇ بۇلۇڭدا ئىكەنلىكى. يەمەن تەرەپتىكى بۇلۇڭنىڭ بىر پەزىلىتى بار، ئۇمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قويغان ئۇل ئۈستىدە ئىكەنلىكى. شام ۋە ئىراق تەرەپتىكى بۇلۇڭلارنىڭ بۇنداق پەزىلىتى يوق، بۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قويغان ئۇلدىن چىقىپ كېتىپ، ئۇ ئىككى تەرەپتىن «ھەتىم» كەئبىدىن ئاجرىتىۋېتىلگەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىيلاش ۋە سۆيۈش يولغا قويۇلۇپ، يەمەن تەرەپتىكى بۇلۇڭنى سۆيمەي، سىيلاش يولغا قويۇلغان، قالغان ئىككى بۇلۇڭ ھەققىدە سىيلاش ياكى سۆيۈش يولغا قويۇلمىغان، شەرىئەتنىڭ قۇرۇلمىسى بۇيرىغاننى قىلىپ، يېڭى ئىش ۋە بىدئەت پەيدا قىلماسلىق. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە نۇرغۇن ھېكمەت ۋە سىرلار بار

التصنيفات

ھەج-ئۆمرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈملەر