إعدادات العرض
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىدىن يەمەن تەرەپتىكى ئىككى بولۇڭدىن باشقىنى سىيلىغىنىنى كۆرمىدىم
2- ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مىنادىكى چوڭ تاش يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا تاش ئاتتى، ئاندىن مىنادىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ساتىراچقا: چېچىمنى چۈشۈر! دەپ، ئاۋۋال بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى، ئاندىن سول تەرىپىنى كۆرسەتتى، ئاندىن چېچىنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى
3- بەش تۈرلۈك ھايۋان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناچاردۇر، ئۇلار ھەرەم دائىرسىدىمۇ ئۆلتۈرىلىدۇ: قاغا، سار، چايان، چاشقان ۋە غالجىر ئىتتىن ئىبارەت
4- ئۇككاز، مەجەننە ۋە زۇلمەجاز دېگەنلەر جاھىلەت دەۋرىدىكى بازارلار ئىدى، كىشىلەر ھەج مەۋسۇملىرىدا تىجارەت قىلىشنى گۇناھ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت چۈشتى: «پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۇمىدا تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ». سۈرە بەقەرە 198-ئايەت