پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرماي قىيامغا تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ…

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرماي قىيامغا تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ تۇرۇپ كەتتى. ناماز تۆگەيدىغان چاغدا، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرغاندا، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قېتىم سەجدە قىلىپ، ئاندىن سالام بەردى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى، ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن بىرىنچى تەشەھھۇدقا ئولتۇرماي تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا جامائەتمۇ ئەگىشىپ قىيامدا تۇردى. پەيغەمبىرىمىز ئىككىنچى ئىككى رەكئەتنى تۈگىتىپ، ئاخىرقى تەشەھھۇدقا ئولتۇرۇپ ئۇنى تۈگىتىۋىدى، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرسا، ئولتۇرغان پېتى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ، خۇددى نامازنىڭ ئىچىدىكى سەجدىدەك ئىككى قېتىم سەجدىگە باردى، ئاندىن سالام بەردى. ئۇ سەجدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشلىغان تەشەھھۇدنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى ئىدى

التصنيفات

سەھۋەنلىك، تىلاۋەت سەجدىسى ۋە شۈكۈر سەجدىسى