ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا، مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن سۆيۈملۈكراقتۇر

ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا، مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن سۆيۈملۈكراقتۇر

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا، مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن سۆيۈملۈكراكتۇر

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ئەبى شەيبە"مۇسەننىپ" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن، بىر ئىش يۈز بىرىدۇ دېگەن ئاساستا ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا سۆيۈملۈكراق. بۇ يەردە ئاللاھ نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىشنى مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچىشتىن ئەۋزەل كۆردى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشتا گۈزەل تەۋھىد ئەقىدىسى بولغان، گەرچە ئۇ يالغانچىلىق بولسىمۇ، ئەمما مەخلۇق بىلەن قەسەم قىلىش راسچىللىق پەزىلىتى بىلەن ناچار شېرىك ئەقىدىسى بار. تەۋھىد ئەقىدىسى راسچىللىق پەزىلىتىدىن يۇقىرى ۋە بۈيۈكتۇر. يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى شېرىك ئەقىدىنىڭ گۇناھىدىن تۆۋەن ۋە يەڭگىلدۇر

التصنيفات

ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش