ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈلەمدۇ؟

ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈلەمدۇ؟

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە خۇتبە ئوقۇپ ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھاد بىلەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەر ئىچىدىكى پەزىلىتى ئەڭ يۇقىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىۋىدى، بىر كىشى قوپۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھلىرىم كەچۈرىلەمدۇ؟ بۇ توغرىلىق ماڭا خەۋەر بەرگىن! دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، سەن بەرداشلىق بەرگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان، چېكىنمەي ئىلگىرلىگەن ھالىتىڭدە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ»دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قانداق دېدىڭ»دېدى، ئۇ كىشى: ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھلىرىم كەچۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:««ھەئە، سەن بەرداشلىق بەرگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان، چېكىنمەي ئىلگىرلىگەن ھالىتىڭدە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ قەرزدىن باشقا گۇناھلىرىڭ ئەپۇ قىلىنىدۇ، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ھازىرلا بۇ توغرىلىق دەپ بەردى»دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا خۇتبە سۆزلەپ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىشنىڭ ۋە ئاللاھغا ئىشىنىشنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى، بىر كىشى قوپۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ ھەممە گۇناھىم كەچۈرۈلۈپ كىرەمدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە، لېكىن سەن يەتكەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، سەۋىر قىلىپ، ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىپ، جىھاد مەيدانىدىن چېكىنمەستىن ئۇرۇش قىلساڭ» دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ شېھىت بولۇشنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپارەت بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى

التصنيفات

جىھادنىڭ پەزىلىتى