قانداق بىر كىشىگە رەيھان گۈلى سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قايتۇرىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ كۆتۈرۈشكە ئەپلىك، پۇرىقى خۇشبۇيدۇر

قانداق بىر كىشىگە رەيھان گۈلى سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قايتۇرىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ كۆتۈرۈشكە ئەپلىك، پۇرىقى خۇشبۇيدۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «قانداق بىر كىشىگە رەيھان گۈلى سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قايتۇرىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ كۆتۈرۈشكە يەڭگىل، پۇرىقى خۇشبۇيدۇر»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمگە خۇشپۇراق نەرسە سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇنى كۆتۈرۈشتە قىيىنچىلىق يوق، شۇنداقلا ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇيدۇر

التصنيفات

زىيارەت قىلىش ۋە ئىزنە سوراش ئەخلاقى