ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا مۈگۈدەپ قالسا، بېرىپ ئۇيقۇسى تۈگۈگىچە ئۇخلىسۇن

ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا مۈگۈدەپ قالسا، بېرىپ ئۇيقۇسى تۈگۈگىچە ئۇخلىسۇن

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا مۈگۈدەپ قالسا، بېرىپ ئۇيقۇسى تۈگۈگىچە ئۇخلىسۇن، ئەگەر سىلەرنىڭ بېرىڭلار مۈگۈدەپ قالغان ھالىتىدە ناماز ئوقۇسا، ئۇ مەغپىرەت تىلەيمەن دەپ ئۆزىگە بەددۇئا قىلىپ قېلىشى مۇمكىن»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ تېمىسى: ئۆزىنى ئىبادەتكە مەجبۇرلاشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بولۇپ، ناماز ئوقۇغۇچى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە قاتتىق مۈگىدەپ قالسا، نامىزىنى بۇزۇپ ياكى تولۇقلاپ ئوقۇپ بولۇپ، ئۇيقۇسى تۈگىگىچە ئۇخلاپ ھەتتا چارچاش بىلەن ئۆزىنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلمايدىغان ھالەتكە كەلگەندە ناماز ئوقۇسۇن

التصنيفات

ئىسلامنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە گۈزەللىكى, كېچىلىك ناماز