إعدادات العرض
ئالتۇننى ئالتۇنغا تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش ئالتۇننى ئوخشاش ئالتۇنغا تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشمەكچى…
ئالتۇننى ئالتۇنغا تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش ئالتۇننى ئوخشاش ئالتۇنغا تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش كۈمۈشنى ئوخشاش كۈمۈشكە تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار. شۇنىڭدەك نەخ ئالتۇن-كۈمۈشنى نېسى ئالتۇن-كۈمۈشكە ساتماڭلار
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇننى ئالتۇنغا تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش ئالتۇننى ئوخشاش ئالتۇنغا تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار، كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش كۈمۈشنى ئوخشاش كۈمۈشكە تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار شۇنىڭدەك نەخ ئالتۇن-كۈمۈشنى نېسى ئالتۇن-كۈمۈشكە ساتماڭلار» يەنە بىر لەپزىدە: «قولمۇ قول تېگىشىش لازىم» دېيىلگەن، يەنە بىر لەپزىدە:«تەڭمۇتەڭ، ئوخشاشنى ئوخشاشقا باراۋەر تېگىشىش كېرەك دېيىلگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Português Kurdîالشرح
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جازانىنىڭ نېسى سېتىش ۋە ئارتۇق سېتىشتىن ئىبارەت بولغان ئىككى تۈرىدىن چەكلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتۇننى ئالتۇنغا مەيلى ساپ ئالتۇن بولسۇن ياكى ئىشلەنگەن ئالتۇن بولسۇن بىرىنى بىرىگە تېگىشكەندە تەڭمۇ تەڭ، ئوخشاشنى ئوخشاش ۋە نەخمۇ نەخ بىر سورۇندا قولمۇ قول بولۇش كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا دۇرۇس بولمايدۇ، شۇنىڭدەك بىرى نەخ يەنە بىرى نېسى بولسا دۇرۇس بولمايدۇ، يەنە كۈمۈشنى كۈمۈشكە مەيلى ئۇ ساپ كۈمۈش بولسۇن ياكى ئىشلەنگەن كۈمۈش بولسۇن ئوخشاش بولۇش، بىر سورۇندا بولۇش، نەخمۇ نەخ تاپشۇرۇپ ئېلىش كېرەك، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلىشقا شۇنىڭدەك تولۇق تاپشۇرۇپ ئالماستىن بۇرۇن سورۇندىن ئايرىلماسلىق كېرەكالتصنيفات
جازانە قىلىش