پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى. ئاندىن ئىبنى ئابباس: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئېشەككە بەلگە قويماقچى بولسام، يۈزىدىن باشقا يىرىگە بەلگە قويىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ ئېشىكىنىڭ كاسىسىغا داغلاتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس ئېشەكنىڭ كاسىسىغا داغلاپ بەلگە قويغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: «ئۇنى قىلغان كىشىگە لەنەت قىلدى» دېيىلگەن. ھايۋانلارنى داغلاپ بەلگە قويۇش دېگەن چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، چارۋىلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئىككى دائىرە ياكى تۆت چاسا ياكى يۇمىلاق ياكى ئاي شەكىلدە ئايرىم بەلگىسى بولىدۇ، مۇھىمى ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئۆزى بىلىدىغان ئايرىم بەلگىسى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ماللىرىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىدۇ، يۈتۈپ كەتكەن ماللىرىنىمۇ شۇ بەلگە ئارقىلىق تاپىدۇ، كىشىلەرمۇ بەلگىسىگە قاراپ بۇ پالانى قەبىلىنىڭ مېلى ئىكەن دەپ شۇلارغا خەۋەر بېرىدۇ. ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يەنى ئىبنى ھىببان رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ تۆگىسى ياكى ئۇلىغىنىڭ يۈزىنى داغلىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەمدى ئۇلاغنىڭ يۈزىنى داغلىمايمەن دەپ ئۇلاغنىڭ ئىككى كاسىسىغا داغلىغان، ئۇلاغنىڭ يۈزىنى داغلاشتىن چەكلەنگەنلىكنى بىلگەندىن كېيىن ئېشەكنىڭ يۈزىدىن باشقا يەرنى داغلاشقا قەسەم قىلغان. ئىبنى ھىبباننىڭ ئىلگىرىكى رىۋايىتىدە: ئېشەكنىڭ كاسا تەرىپىنى داغلايمەن دەپ، ئىككى كاسىسىغا داغلىغان، ئۆزىنىڭ ئېشىكىنىڭمۇ ئىككى كاسىسىغا داغلىغان. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەلگە قويۇشتا: قوينىڭ قۇلىقىغا، تۆگىنىڭ ۋە كالىنىڭ كاسىسىغا داغلاش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ جاي قاتقان جاي بولۇپ ئاغرىقنى بەك ھېس قىلمايدۇ، ئۇ بەلگە كۆزگە ئوچۇق چېلىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ پايدىسى بولسا: ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئايرىش ئۈچۈندۇر. ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇنجى قېتىم ئېشكىنىڭ كاسىسىغا داغلاتقان كىشىدۇر

التصنيفات

ئىسلامدىكى ھايۋاناتلار ھەقلىرى