مۇسىبەت قانچە ئېغىر بولسا، مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ، كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلىپ رازى…

مۇسىبەت قانچە ئېغىر بولسا، مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ، كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلىپ رازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە نارازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: دۇنيادا مۇسىبەت قانچە ئېغىر بولسا، ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ، كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلىپ رازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىمىكى مۇسىبەتكە نارازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە رىسۇلۇللاھ: مۆمىن كىشىنىڭ مال ۋە جانلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ سەبىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاب بىرىدۇ، مۇسىبەت ۋە ئۇنىڭ تەسىرى قانچىكى ئېغىر بولسا بىرىلىدىغان ساۋابمۇ كاتتا بولىدۇ، دەپ بايان قىلدى. يەنە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر كىشىگە مۇسىبەتنىڭ كېلىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىردە ئورۇنلاشتۇرغان ئىشى شەكسىز يۈز بىرىدۇ. لېكىن ياخشى سەبىر قىلسا ۋە رازى بولسا ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرشىدۇ، ساۋاب نېمە دېگەن ياخشى مۇكاپات. كىمىكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئۆچ كۆرسە ۋە نارازى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىبى يىتەرلىك جازادۇر

التصنيفات

تەقدىرگە ئىشىنىش