مەن توسقان ئىشلاردىن تولۇق چەكلىنىڭلار، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىملەر كۆپ سوئال سوراش، پەيغەمبەرلىرىگە خىلاپلىق…

مەن توسقان ئىشلاردىن تولۇق چەكلىنىڭلار، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىملەر كۆپ سوئال سوراش، پەيغەمبەرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ھالاك بولدى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن توسقان ئىشلاردىن تولۇق چەكلىنىڭلار، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىملەر كۆپ سوئال سوراش، پەيغەمبەرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ھالاك بولدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ بىزنى بىرەر ئىشتىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن تولۇق چەكلىنىشىمىز لازىملىقىنى، بىرەر ئىشقا بۇيرۇىسا قۇدرىتىمىزنىڭ يىتىشىچە قىلىشىمىز كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدى. يەنە رەسۇلۇللاھ بىزنى بۇرۇنقىلاردەك كۆپ سوئال سوراشتىن پەيغەمبەرلەرگە خىلاپلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شۇ سەۋەبلىك تۈرلۈك ئازابلار بىلەن ھالاك قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىشىمىز كىرەك

التصنيفات

سۆزلەرنىڭ ئىشارەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ھۆكۈم چىقىرىش, شەرىئەتنىڭ مەقسىدى, ئىلگىركى ئۇممەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ۋەقەلىكى