ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ قاننى ئېقىتالايدىغان نەرسە بىلەن بوغۇزلانسا يەڭلار، لېكىن چىش تىرناق بىلەن بوغۇزلانسا بولمايدۇ، سىلەرگە سەۋەبىنى دەپ…

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ قاننى ئېقىتالايدىغان نەرسە بىلەن بوغۇزلانسا يەڭلار، لېكىن چىش تىرناق بىلەن بوغۇزلانسا بولمايدۇ، سىلەرگە سەۋەبىنى دەپ بەرسەم، چىش دېگەن بىر ئۇستىخان، تىرناق بولسا ھەبەشىلەرنىڭ پىچىقى، دېدى

رافىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن غازاتتىن قايتىپ تىھامەنىڭ «زۇلھۇلەيفە» گە يېتىپ كەلگەندە كىشىلەرنىڭ قورساقلىرى ئېچىپ كەتتى، ئۇلار غازاتتا قوي ۋە تۆگىلەرنى غەنىمەت ئالغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشۇننىڭ كەينىدە ئىدى، ئالدىدا ماڭغانلار ئالدىراپ تۆگە-قويلاردىن بوغۇزلاپ قازانغا سېلىشقا باشلىدى، رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئەھۋالنى كۆرگەندە قازانلارنى دۇم كۆمتۈرۋېتىشكە بۇيرىدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ غەنىمەت ماللارنى ئون قوينى بىر تۆگىگە باراۋەر قىلىپ ساھابىلەرگە بۆلۈپ بەردى. شۇ ئارىدا بىر تۆگە قېچىپ كەتتى، كىشىلەر قوغلاپ ھېرىپ قالدى، بۇ چاغدا قوشۇندا ئات ئاز ئىدى، ئۇلاردىن بىر كىشى يا ئوقى بىلەن ئۇنى ئاتقان ئىدى، ئۇ تۆگىنى ئاللاھ تائالا توختاتتى. رەسۇلۇللاھ: بۇ ھايۋانلارنىڭمۇ ياۋايى ھايۋانلاردەك قاچقۇنلىرى بار، سىلەرگە بويسۇنمىغانلىرىنى مۇشۇنداق قىلىڭلار، دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ بىز ئەتىلا دۈشمەنگە ئۆچرىشىمىز مۇمكىن، يېنىمىزدا پىچاق يوق، قومۇشلار بىلەن بوغۇزلىساق بولامدۇ، دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ قاننى ئېقىتالايدىغان نەرسىلەر بىلەن بوغۇزلانسا يەڭلار، لىكىن چىش تىرناق بىلەن بوغۇزلانسا بولمايدۇ، سىلەرگە سەۋەبىنى دەپ بەرسەم، چىش دېگەن بىر ئۇستىخان، تىرناق بولسا ھەبەشىلەرنىڭ پىچىقى، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

رافىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن «زۇلھۇلەيپە» دېگەن جايغا غازاتقا چىققانلىقىنى، ئۇلار ئۇ يەردە كۆپ چارۋىلارنى غەنىمەت ئالغانلىقىنى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ كەينىدە قالغانلىقتىن ئۇلارغا كېلىپ تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن بىر قانچە چارۋىنى بوغۇزلىغانلقىنى ۋە گۆشلەرنى قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇۋاتقاندا، رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئۇ گۆشلەرنى تۆكۈپ قازانغا توپا چېچىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ: غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى يېيىش، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسىنىڭ گوشىنى يېگەنگە ئوخشاش، دېگەن. ئاندىن بىر تۆگىنى ئون قوينىڭ باراۋىرىدە قىلىپ بۆلۈپ بەرگەن. ئاندىن ساھابىلەر ئۆزىگە تەگكەن نىسىۋىسىدىن بوغۇزلىغان. شۇ ۋاقىتتا تۆگىلەردىن بىرى قېچىپ كىتىپ، ئۇلاردا ئات يېتەرسىز بولغانلىقتىن تۇتالمىغان، شۇ ئارىدا بىر كىشى ئۇنى يا ئوقى بىلەن ئېتىپ يىقىتقان، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: بۇ ھايۋانلار ئوۋلىنىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش، قېچىپ كەتكەن ۋاقىتتا مۇشۇنداق قىلساڭلار بولىدۇ، دېگەن. ئاندىن ئۇلار ئوۋلانغان نەرسىلەرنى قانداق بوغۇزلاش توغۇرلۇق سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان، بوياندىن قان ئاققۇزۇلغان ھايۋاننى يېيىش دۇرۇس دېگەن. لىكىن تىرناق ئارقىلىق، مەيلى ئۇ ئىنسان قولىدا بولسۇن ياكى ئايرىم بولسۇن، ۋە يەنە چىش بىلەن ئولتۈرۈش دۇرۇس ئەمەس دېگەن. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار تىرناق ئارقىلىق ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ يەيدىغان

التصنيفات

مال بوغۇزلاش