إعدادات العرض
ئۇلار ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ھارام قىلغاندا، سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلغاندا ئەگەشمىدىڭلارمۇ؟ مەن: شۇنداق دېگىنىمدە،…
ئۇلار ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ھارام قىلغاندا، سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلغاندا ئەگەشمىدىڭلارمۇ؟ مەن: شۇنداق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ئاشۇ ئىبادەت قىلغانلىق، دېدى
ئۇدەي ئىبنى ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇ رەسۇلۇللاھتىن بۇ ئايەتنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «ئۇلار ھاخام ۋە پوپلارنى مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى، ھالبۇكى ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر» مەن: بىز ئۇلارغا ئىبادەت قىلمايتتۇق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ دېدىكى: ئۇلار ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ھارام قىلغاندا، سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلغاندا سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ؟ مەن: شۇنداق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ئاشۇ ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip සිංහල தமிழ்الشرح
بۇ ئۇلۇغ ساھابە رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۇ ئايەتلەردە يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ قىسىسىلىرى سۆزلەنگەن ئىدى. ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا: «ئۇلار ئالىملرىنى ۋە پەرزگاھ راھىبلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى قويۇپ، ئالىملىرى چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنغان دېيىلگەن» بۇ ئايەتنىڭ مەنىلرىنى ئۇدەي ئىبنى ھاتەم چۈشىنەلمىگەن، ئۇ، ئىبادەت دېگەن رۇكۇئ ۋە سەجدىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ دەپ چۈشەنگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ: راھىب ۋە پوپلارغا ئىبادەت قىلىش بولسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكۈملىرىگە قارشى ھالدا قانۇن چىقارسا، ھالالنى ھارام قىلسا، ھارامنى ھالال قىلسا ئۇ ئىشلاردا بۇلارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ، دېدىالتصنيفات
شىرىك كەلتۈرۈش