إعدادات العرض
مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈپ قويايمۇ؟، تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ، سەن: «ئى…
مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈپ قويايمۇ؟، تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ، سەن: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مىنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغىن» دېگىن
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇنىڭ يېنىغا بىر توختاملىق قۇل كىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن توختامنى پۈتتۈرۈشتىن ئاجىز كەلدىم، ماڭا ياردەم قىلغىن، دېگەندە. ئۇنىڭغا ئەلى: مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈپ قويمايمۇ؟، تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ، سەن: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مىنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغىن»دېگىن! دېدى
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Français Kurdî Русский Tiếng Việt Nederlands Kiswahili অসমীয়া ไทย ગુજરાતી සිංහලالشرح
بۇ ھەدىستە بىر توختاملىق قۇل-يەنى خوجىسىغا مەلۇم مىقداردا پۇلنى بۆلۈپ تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئازادلىقىنى سېتىۋىلىشقا كىلىشىم قىلغان، لېكىن تۆلەيدىغان پۇلنى تاپالمىغان قۇل، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ يېنىغا كىلىپ، قەرزىنى تۈگىتىشىگە ياردەم سورىغان، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا شەرئى بىر چىقىش يولىنى كۆرسۈتۈپ قويغان، ئۇ ئىخلاس بىلەن قىلسا تاغدەك قەرزى بولسىمۇ ئاللاھ ئادا قىلىپ بېرىدىغان، رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا ئۈگۈتۈپ قويغان دۇئا ئىدى،.ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مېنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغان» دېگىن! دېگەنالتصنيفات
ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالار