إعدادات العرض
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە قىلاتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ئۆز ئاياللىرىغا ياردەمدە بولاتتى، ناماز ۋاقتى بولسا نامازغا چىقاتتى،…
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە قىلاتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ئۆز ئاياللىرىغا ياردەمدە بولاتتى، ناماز ۋاقتى بولسا نامازغا چىقاتتى، دەپ جاۋاپ بەردى
ئەسۋەد ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە قىلاتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ئۆز ئاياللىرىغا ياردەمدە بولاتتى، ناماز ۋاقتى بولسا نامازغا چىقاتتى، دەپ جاۋاپ بەردى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Kurdîالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكىدىن، ئۇ زات ئۆيىدە ئەھلىنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى، قوينى ساغىتتى، ئاياغلىرىنى يامايتتى، ئائىلىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىلىدە نېمە ئىش قىلاتتى دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى دېگەن، مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، كەمتەرلىكى، ئاددى ئىشلارنىمۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئالى تۇرمۇشلاردىن يېراق بولىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى