ھەر بىر ئادەم بالىسى خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى ئەڭ كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر

ھەر بىر ئادەم بالىسى خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى ئەڭ كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر بىر ئادەم بالىسى دائىم خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئىنسان ئاجىز يارىتىلغانلىقى ۋە بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلىگەن ئىشلارنى تاشلاشتا ئىگىسىگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن خاتالىقتىن خالى بولالمايدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تەۋبە ئىشكىنى ئېچىپ، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى تەۋبىنى كۆپ قىلغۇچىلاردۇر، دەپ خەۋەر قىلدى

التصنيفات

تەۋبە قىلىش