إعدادات العرض
1- ھەر بىر ئادەم بالىسى خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى ئەڭ كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر
2- تىلىڭنى يىغ، ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل، خاتالىقلىرىڭغا يىغلىغىن
3- بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ
4- ئاللاھ سىلەرنى چەكلىگەن بۇ شەرمەندىچىلىكتىن يىراق بولۇڭلار، كىم قىلىپ سالسا، ئاللاھ يوشۇرغاننى يوشۇرۇپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلسۇن، كىم يولدىن چىقسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلىمىز
5- سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشى تۇغرۇلۇق سورىغاندا، بىر راھىب كۆرسۈتۈلۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، راھىب: «ياق» دېدى، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى