إعدادات العرض
بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا،…
بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ
ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن شۇنداق بىر كىشى ئېدىمكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىسنى ئاڭلىسام ئاللاھ تائالا ماڭا ئۇ ھەدىستىن مەنپەئەت بېرىشنى خالىغان نەرسە بىلەن مەنپەئەت بېرەتتى، ساھابىلاردىن بىر كىشى ھەدىس سۆزلەپ بەرسە، مەن ئۇ كىشىدىن قەسەم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتىم، ماڭا قەسەم قىلىپ بەرسە ئۇ كىشىنىڭ ھەدىسىنى تەستىقلايتتىم. ھەقىقەتەن ماڭا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راست سۆزلەيدىغان كىشى، ئۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ﴾ تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá اردو Bahasa Indonesia සිංහල हिन्दी Hausa Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Türkçe Tiếng Việt नेपाली Malagasy Kinyarwanda తెలుగు Bosanski Lietuvių Oromoo Română മലയാളം Nederlands Soomaali Српски Kurdî Українська Deutsch ಕನ್ನಡ Wolof Moore Shqip Português ქართული Azərbaycan 中文 Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى: ھەر قانداق بىر ئىنسان گۇناھ قىلسا، تاھارەتنى كامىل ئىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ قىلغان مۇشۇ خاتالىقىغا تەۋبە قىلىش نىيىتى بىلەن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستىغپار ئېيتىپ ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇكىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى تىلاۋەت قىلدى: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ». [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].فوائد الحديث
بۇ ھەدىستە نامازنى ئادا قىلىشقا ئۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلغاندىن كېيىن ئىستىغپار ئېيتىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بار.
ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنىڭ كەڭرىلىكىدىن تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتقۇچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.
التصنيفات
تەۋبە قىلىش