ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ، قېرى زىناخور، مۇتەكەببىر…

ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ، قېرى زىناخور، مۇتەكەببىر كەمبەغەل، قەسەمخور تىجارەتچى، يەنى ساتسىمۇ ئالسىمۇ قەسەم بىلەنلا تىجارەت قىلىدىغان كىشى

سەلمان ئەلفارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ، قېرى زىناخور، مۇتەكەببىر كەمبەغەل، قەسەمخور تىجارەتچى، يەنى ساتسىمۇ ئالسىمۇ قەسەم بىلەنلا تىجارەت قىلىدىغان كىشى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە رىسۇلۇللاھ ئۈچ تۈرلۈك ئېغىر جازاغا ئۈچرايدىغان كىشىلەرنى بايان قىلغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ جنايىتى ناھايىتى ئېغىردۇر. ئۇلارنىڭ بىرى: يېشىنىڭ چوڭلىقىغا قارىماي زىنا قىلىدىغان كىشى، گەرچە زىنا ھەر بىر مۇسۇلماندىن ئېغىر ئېلىنىدىغان گۇناھ بولسىمۇ، قېرى كىشىدىن بولسا ناھايىتى قەبىھ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ياشلارغا قارىغاندا قېرى كىشىدە شەھۋەت ئاجىز بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق زىنا قىلغىنى بۇ كىشىنىڭ ئۇ گۇناھنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولغان. ئىككىنچىسى: باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان مۇتەكەببىر كەمبەغەل كىشى، چوڭچۇلۇق پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاس بىر خىسلەت، ئىنسالارنىڭ ھېچ بىرىگە ياراشمايدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەلۇم بىر كىشى قول-ئىلكىدىكى ئىقتىسادىغا ئىشىنىپ چوڭچۇلۇق قىلىدۇ. ئەمما كەمبەغەل نېمىگە ئاساسەن چوڭچۇلۇق قىلىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبسىز بۇنداق قىلىشى تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن بىر كىبىر بولغانلىقتىن، شۇ سەۋەبتىن كەمبەغەلنىڭ چوڭچۇلۇق قىلىشى ئېغىر گۇناھ. ئۈچىنجى تۈرلۈك كىشى سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالغان، ئاللاھ تائالانىڭ نامىنى قىممەتسىز تاۋارلىرىغا ئىشلىتىپ سېتىشقا ئۇرىنىدىغان كىشى

التصنيفات

گۇناھ-مەسىيەتنى ئەيىپلەش