إعدادات العرض
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچلىقتىن قورسىقىنى قاتلاپ ئارقىمۇ-ئارقا نەچچە كېچە يېتىپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېگۈدەك كەچلىك تاماق تاپالمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆپرەك يەيدىغان نىنى ئارپا نېنى ئىدى
2- ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئارلاشتۇرۇلغان سۈت كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر سەھرالىق سول تەرىپىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئىچتى، ئاندىن سەھرالىققا بەردى ۋە ئوڭدىن باشلانسۇن، دىدى
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاسىسىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى پاچىقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم
4- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىدىن نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى گۆرۈگە قويغان
5- ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمگە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، يېگۈدەك بىر نەرسەڭ يوقمۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇممۇ سۈلەيم: بار، دېدى
6- ئەگەر تۇلۇمدا بىرەر كېچە تۇرغان سۇ بولسا شۇنى بېرىڭ، بولمىسا ئېرىقتىنلا ئېچەيلى