إعدادات العرض
ئۇنىڭ مال – مۈلكىدىن نورمال ھالدا ئۆزىڭىزگە ۋە بالىلىرىڭىزغا يەتكۈدەك ئېلىڭ!
ئۇنىڭ مال – مۈلكىدىن نورمال ھالدا ئۆزىڭىزگە ۋە بالىلىرىڭىزغا يەتكۈدەك ئېلىڭ!
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئەبى سۇپياننىڭ ئايالى ھىند بىنتى ئۇتبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېرىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەبۇ سۇپيان قاتتىق بېخىل ئادەم، ئۇنىڭ مېلىدىن بىلدۈرمەي ئېلىۋالمىسام ئۇ، ماڭا ۋە بالىلىرىمغا يەتكۈدەك چىقىمىمىزنى قىلىپ بەرمەيدۇ. ئەمدى، مۇشۇنداق قىلسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنىڭ مېلىدىن نورمال ھالدا ئۆزىڭىزگە ۋە بالىلىرىڭىزغا يەتكۈدەك ئېلىڭ! دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Português മലയാളം Kurdî Tiếng Việt Nederlands Kiswahili অসমীয়া ગુજરાતી ไทย සිංහලالشرح
ھىند بىنتى ئۇتبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ، ئۇنىڭ يولدىشى، ئۇ ئايال ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا يېتەرلىك چىقىمىنى بەرمەيدىغانلىقى، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال ئېرى ئەبى سۇپياننىڭ مال – مۈلكىدىن ئۇنىڭ خەۋىرىسىز ئالسا بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئىشنىڭ ئەگەر نورمال تەرىقىدە يېتەرلىك مىقداردا يەنى ھاجىتىدىن ئاشۇرۇپ ئۇنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماستىن ئالسا بولىدىغانلىقىغا پەتىۋا بەردىالتصنيفات
خىراجەت قىلىپ بېرىش